باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپىدىكىلەر ئابدۇجىلىلغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

2015.03.13 14:38   مەنبە: خەلق تورى

كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپىدىكىلەر ئابدۇجىلىلغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپىدىكىلەر يېقىندا ناھىيەنىڭ ئويتوغراق يېزا لەنگەر ئۆستەڭ كەنتىدىكى 12 ياشلىق ئۆسمۈر ئابدۇجىلىل مەتقۇرباننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئىھتىياسىزلىقتىن نان يېقىۋاتقان تۇنۇرغا چۇشۇپ كىتىپ ئىككىلا پۇتىنىڭ كۆيۈپ قالغانلىقنى، پۇت بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالغانلىغىندىن خەۋەر تاپتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىزلىكتە ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى تۈزدى ھەمدە تور، ئۈندىدار ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە بۇ ئەھۋالنى يەتكۈزۈپ ئىئانە پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 8500يۇەن ئىئانە يىغىلدى ھەمدە بۇ پۇلنى ئابدۇجىلىلنىڭ قۇلىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋە 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىگە ئاپتوۋۇزدا بالىنى ھەقسىز، ئانىسىنى يېرىم بىلەت بىلەن يولغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن ئىدى.

  ئابدۇجىلىل شىنجاڭ تىببيي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دۇختۇرخانىدا ئىككىلا پۇتىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ قايتىپ كەلگەدىن كىيىن كېرىيە 》بىلىپ《 ئۈمىد ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى مەخسۇس ماشىنا ئاجرىتىپ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قۇيدى. ئابدۇجىلىل ئۈيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،》بىلىپ《 ئەزالىرى ئابدۇجىلىلنىڭ داۋالىنىشتىن كىيىنكى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرنەچچە قېتىم مىۋە-چىۋە، نەق پۇل، ۋە ئاز مىقتاردا تېڭىق ماتېرىياللىرى بىلەن ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…