باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى خەلقئارا سۆھبەت يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى

2015.03.13 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى مۇددىتى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىقىشقا باشلىدى.

  31-مارت كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغان ئاخىرقى مۇددەتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى خەلقئارا سۆھبەت يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى. 7-مارت، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە مەيدانىنى ماسلاشتۇردى، بىراق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتكە بولغان پىكىرى بىردەك بولمىدى.

  كۆرۈشىشتىن كىيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، فابىيوس چىقارغان سىگنال فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پوزىتسىيە دەپ قارالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە بىر قىسىم ساھەلەردە ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بىراق ئەگەر بىر تۈرلۈك رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتا ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىختىلاپ ساقلاندى. فىرانسىيە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 1- دىن، ئىران ئوران قويۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سېنترىفۇگنىڭ سانىنى زور مىقداردا ئازايتىپ، ئىراننى يادرو قۇراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈشى كېرەك . 2-دىن ، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەش تەدبىرنى قوللىنىپ، ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان يادرو تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك . 3-. ھەر قايسى تەرەپلەر ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەك . ئەڭ ئاخىردا، يادرو تەكشۈرۈش مېخانىزىمى جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئىراننىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش كېرەك.

  فابىيوس فىرانسىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتتە يۇقىرىقى مەيدانىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، تۆت قېتىم، ئاخىرقى مۇددەت يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن ئىشەنچلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتتە ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭلا ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتى بولماستىن بەلكى كۆپ تەرەپلىك بولۇشىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

  گەرچە فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرىنىڭ ئەربابلىرى فىرانسىيەنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنىڭ 3-ئاينىڭ 15- كۈنى سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشتىن ئىلگىرى ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىش بولسىمۇ، بىراق تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: فابىيوسنىڭ پوزىتسىيەسى فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا پەرق بارلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر مۇزاكىرە قىلىۋاتقان كېلىشىم نۇسخىسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىن سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش جەھەتتە ئىزچىل تۈردە بەلگىلىك كۆز قارىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى.

  يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى تېزلىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلى خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولمىدى. ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف شېۋىتسارىيەنىڭ موتىرىكىسدا ئۇچ كۈن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئارقىدىن، كېررى چۈشەندۈرۈش سەپىرىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ، پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەندىشىسىنى پەسەيتمەكچى بولدى. ئارقىدىن، ئۇ يەنە توختىماستىن پارىژغا بېرىپ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مەيدانىنى ماسلاشتۇردى.

  كېررى فابىيوسنىڭ ئەندىشىسىگە قارتا، كۆرۈشىشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئەمەس، بارلىق شېرىكلەر بۇنىڭدىكى ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك ، ھەمدە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ۋەكىلىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىنىڭ نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت، بىراق ئىران دۇنياغا يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كېررى، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن ئىلگىرىكى كۈن تەرتىپلەرگە ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى، بىر تۈرلۈك رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى، ئۇندىن كىيىن كونكرېت تېخنىكا تەپسىلاتى ئۈستىدە كېڭىشى، ھەمدە 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاخىرقى كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى، بىر قىسىم ئەربابلارمۇ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتنى نۇقتا قىلىپ، دەل ۋاقتىدا بىر تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم، ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: كېررىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق نىشانى، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش بولماستىن، بەلكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ شەكىللىنىشىدە دەسلەپكى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىدى . تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇمىي جەھەتتىن گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا، ھەمدە سۆھبەت ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئىرانغا قارتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا تەھدىت سالماقتا. كېررىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قاتار دىپلوماتىك ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى، سىرت بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىچكى قىسىمدا پارلامېنتىنى قايىل قىلىش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئىبارەت. بىراق ئاخىرقى مۇددەت ئارقىغا سورۇلۇپ كېلىۋاتقان كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا مۇقىمسىزلىقلارنى ئىلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئاق ساراي بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئىراقنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى زىددىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

  8-مارت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، توپنىڭ ئىراننىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى سۆھبەتتە تېخنىكا قاتلىمىنىڭ مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق ئەمەلىيەتتە، فىرانسىيە قاتارلىق ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر مەيدانىنى ماسلاشتۇرغاندىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسىمدا سىياسىي ئارزۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر قېيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر