باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇرسانتلارقانۇن مۇتەخەسىسلىرىنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» توغرىسىدىكى لىكسىيىسىنى ئاڭلىدى

2015.03.13 13:57         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 3- قېتىملىق دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەدەنىيەت قابىللىرى ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان كۇرسانتلار تۈنۆگۈن قانۇن مۇتەخەسىسلىرىنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» توغرىسىدىكى لىكسىيىسىنى ئاڭلىدى. لىكسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن 68 ياشلىق كۇرسانت ئىسلام ئىسمائىل ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بولغان «قانۇننى ئۆگىنىش» ناملىق ناخشىسىنى كۆپچىلىككە ئورۇنداپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ۋە «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»نى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  ئىسلام ئىسمائىل يېڭىسار ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان بولۇپ، ئۇ 8 يېشىدا ساز چىلىشقا قىزىقىپ قالدى. ھەتتا ساز چېلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوغۇرلۇقچە ئۆيىدىكى بۇغداينى سېتىۋەتكەن ئىدى. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، كەنتتىكى توي- تۈكۈن، چوڭ- كىچىك تەبرىكلەش پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇنىڭ ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان سىماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. ئەمما، ئۇ ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھىس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ساز سېلىپ ناخشا ئېيتىشىدىن قانائەتلىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن كۈلكە چاقچاق بىلەن ئۆتىدىغان خۇلۇم- قوشنىلىرىمنىڭ چىرايىنى ئاشمايدىغان، ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقمايدىغان، يەنە يۈزلىرىنى ئوراپ يۈرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇلارنى كۆرۈپ مەن بەك ئازاپلاندىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر تەشۋىقاتچى بولۇش ئويىغا كەلدىم.

  ئارقىدىنلا ئىسلام ئىسمائىل كەنت- كەنتلەرگە بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئۇ پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتى، جەمئىيەتتىكى يېڭى قىياپەت قاتارلىقلاردىن ناخشا تەييارلاپ كۆپچىلىككە تەقدىم ئەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بەزىدە بىر كۈندە ئىككى كەنتكە بېرىپ تەشۋىق قىلىمەن. مەن يولدا كېتىۋېتىپمۇ ئېيتىدىغان ناخشامنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە ئويلىنىمەن. ھەقىقەتەن چارچاپ كېتىمەن. ئەمما، يۇرتداشلارنىڭ ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلىغان چېغىمدا، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ئېتىراپ قىلغان ئالامەتلەرنى كۆرگەن چېغىمدا بەك خوش بولىمەن.

  نۆۋەتتە، تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 35 يىل بولغان ئىسلام ئىسمائىل 200 گە يېقىن ناخشىنى ئوبدان ئىگىلەپ بولدى ھەمدە پارتىيىنى مەدھىيلەيدىغان، گۈزەل شىنجاڭنى تەرىپلەيدىغان نەچچە ئون ناخشا يېزىپ، دەۋر تەرەققىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلدى. ئىسلام ئىسمائىل مۇنداق دېدى:- بۇ قېتىم تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بەزى ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئىگە بولدىم. مەن قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا بويسۇنىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن. مېنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئويۇشتۇرۇش ئارزۇيۇم بار. مەن تېخىمۇ چوڭ سۇپىدا ئۆزەمنىڭ يۈرەك سادايىم، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ئىپادىلەشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر