باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەيھانگۈلنىڭ ئىككى تەكلىپى

2015.03.13 13:50         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەيھانگۈل ئىمىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تەغدىرىنى ئۆزگەرتتى. 600 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت خانىم- قىزلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن يۇرتىدىكى ھەدە- سىڭىللىرىنىڭ ئەمگەككە، بىلىمگە تايىنىپ گۈزەل ئارزۇسىغا يېتىشىگە ئىلھام بەردى. رىيھانگۈل ئىمىر مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى، جۇڭگو 4-ماي ياشلار مېدالىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى.

  جەنۇبىي شىنجاڭ كۈن نۇرى، سۇ- تۇپراقتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، خېرىدارلار ناھايىتى ئالقىشلايدۇ. ئەمما، يول يىراق، سېتىش يوللىرى راۋان بولمىغاچقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە بازار تاپالمايۋاتىدۇ. رەيھانگۈل ئىمىر بۇ يىلقى ئىككى يىغىنغا ئەلى بابا گۇروھى شىنجاڭغا كىرگەنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى (ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسى) قۇرۇش تەكلىۋىنى بەردى.

  رەيھانگۈل ئىمىر يەنە تېخىمۇ ئېتىبار سىياسەت چىقىرىپ، ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر