باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى

2015.03.13 13:44         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايون شىنجاڭنى تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹بەش چوڭ مەركەز››نىڭ بىرى بولغان داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش – بولالماسلىقىغا، تېخىمۇ ئىلغار داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ يىل 1 – ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››ىدا، بۇ تېما يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ۋەكىللەر، ئەزالار داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بەردى.

  خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش مەركىزى قىلىنسا

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى روشەنگۈل ساۋۇرنىڭ نەزەرىدە، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى، داۋالاش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش شەرق شامىلىنى تۈرتكە قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مىللىي تېببىي دورىگەرلىكىدىكى قىممەتلىك گۆھەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرغىلى بولىدىكەن.

  روشەنگۈل مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى بارلىققا كەلگەن مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى بايلىقى ئىنتايىن مول. ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى، ئەرزان باھاسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتى، ھەتتا ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن ئاغرىقنى جەلپ قىلىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت قۇرغان ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن ئونى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن بىرسى، ۋىلايەتلىك تېببىي تېخنىكومغا بىۋاسىتە قاراشلىق دوختۇرخانىدىن بىرسى، ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن سەككىزى بار. 80دىن كۆپرەك يېزا – بازار شىپاخانىسىدا ئۇيغۇر تېبابىتى بۆلۈمى ياكى دورىخانىسى تەسىس قىلىنغان. ھۆكۈمەت قۇرغان ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا 1875 كارىۋات تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى سەھىيە كەسپىي تېخنىك خادىمىدىن 1010 ى بار ئىكەن. روشەنگۈل مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى 12 ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى بار، ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقانلار 300دىن ئاشىدۇ، بۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىممەتلىك بايلىق.

  روشەنگۈل مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايون خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرسا. خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى ئوقۇتۇشى، پەن – تەتقىقات، داۋالاش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش مەركىزى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ ۋە ئىشتات قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىنى تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭنىڭ ‹‹ساغلاملىق بۇلۇتى›› بەرپا قىلىش زۆرۈر

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى رەيھان ماخمۇت ئۇزاقتىن بۇيان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەم بۈيۈك رەقەملىك داۋالاشقا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ساغلاملىق بۇلۇتى››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپنى يىغىش، كۈچلۈك بۇلۇتسىمان ھېسابلاش ۋە بۈيۈك رەقەملىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت كوللېكتىپى ئارقىلىق ھەر بىر پۇقرانىڭ تېخىمۇ قولاي ھالەتتە ساغلاملىق تەكشۈرتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ‹‹چوڭ كېسەللەرنى كىچىك كېسەلگە ئايلاندۇرۇش، كىچىك كېسەلنى يوقىتىش، كېسەل بولماسلىق ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› نىشانىغا يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  ‹‹ئاپتونوم رايون قاراماي شەھىرىنىڭ ھازىرقى قاتتىق دېتال، ساقلاش شارائىتى ۋە پىشىپ يېتىلگەن <ساغلاملىق بۇلۇتى> مەھسۇلاتلىرىغا تولۇق تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ <ساغلاملىق بۇلۇتى>نى شەكىللەندۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى ۋە خۇاۋېي <بۇلۇت مۇلازىمىتى> سانلىق مەلۇماتلار مەركىزىگە تايىنىپ، ماشىنا ئۆيىنى يىغىپ باشقۇرسا، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.›› رەيھان ماخمۇت مۇنداق دېدى: بۇلۇتسىمان ھېسابلاش، بۇلۇتسىمان ساقلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق كېسەللىك ئارخىپى سانلىق مەلۇماتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ داۋالاش سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنى قۇرۇشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى داۋالاش، سەھىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىپ، داۋالاشنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۇچۇرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.

  ‹‹داۋالىنىش + ساياھەت قىلىش›› شارائىتى ياخشى مۇھىتقا ئېرىشتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ كېسەل كۆرسىتىدىغان، مەسلىھەت سورايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئاغرىقلار يىلسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ‹‹داۋالىنىش + ساياھەت قىلىش›› ئىستېمال شەكلىنى تاللايدىغان ئاغرىقلار يىلدىن – يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ‹‹م د ب گە ئەزا دۆلەتلەر ساياھەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭدا داۋالىنىش، ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت ئالاقىلىشىش تۈزۈمى››نى ئورنىتىپ، كۆپ تۈردە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، داۋالاش، ساياھەت بايلىقىنى ئورتاق ئېچىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېن خاۋ مۇنداق دېدى: داۋالاش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئاغرىقنى كۈتۈۋالىمىز، ئۇلار جۇڭگو تېبابىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى داۋالاشنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ، بىزمۇ تىرىشىپ تۈرلۈك داۋالاش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن داۋالاشتا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇردۇق.

  ۋېن خاۋ مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە ئۆزگىچە داۋالاش، يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش، ساياھەتلىك داۋالاش، خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر