باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندا، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ۋەزىيىتى قىزىق تېما بولۇپ قالدى

2015.03.13 13:48         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ۋەزىيىتى قىزىق تېما بولۇپ قالدى. ھالبۇكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ بېسىم ماس ھالدا زورايدى. بۇنداق ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشتە، قانداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارىتا بەس- بەستە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىرغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىل ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بۇلىدىغان بىر يىل بولۇپ، 7- ئايدا، ئۇ مەسئۇل بولغان ئاقتۇ ناھىيەلىك شاڭلىن توقۇمچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە 800دىن كۆپرەك خادىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 2 يىلدىن 3 يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، 3 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

  رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: كارخانا ئاپتونوم رايون يولغا قويغان تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە پات يېقىندا ئىش باشلايدۇ. ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى ۋە مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قاراتقان بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بولدى. ئەڭ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە شۇ جايدىكى ياشلار تېخنىكا ئىگىلەش بويىچە تەربىيىلەندى. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، ئۇلارنى تۇتۇپ قالغىلى بۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار شۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرغاندا مېنىڭچە كارخانىنىڭ روناق تېپىشىدا ئۈمىد ناھايىتى زور.

  بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەپ، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىشتەك قوش يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىدا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شەخسلەر ۋە كارخانىلار دادىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەت ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى مۇستەھكەملەش؛ ئوتتۇرا ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاپ، يەرلىكلەر يېڭىلىق يارىتىش كەيپيىياتىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شى ۋېنخەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2- ئاينىڭ 27- كۈنى، «باش باھاردىكى يېڭى باشلىنىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايون «كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يولغا قۇيۇش پىكىرى»نى ئېلان قىلىپ، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى ھەمدە «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە ئىشقا ئورۇنلىشىش» ھەركىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مۇددىئاسى بار ياشلار ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. ئالىي مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان جاي، ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزدە يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، بازىسى بار. بىز يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، زور سانلىق مەلۇمات، بۇلۇتسىمان ھىسابلاشنى قوشۇشىمىز كېرەك. ئۇ بىزگە يېڭى كەسپلەرنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ۋەزىيىتىدە، بىر جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىگىلىك تىكلەش يولىنى كېڭەيتىش يەنە بىر جەھەتتىن مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، ئەنئەنىۋىي كەسپلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى قىزىپ چىقىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى بىر يول. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا مەن دېھقانلارغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويىمەن. مەسىلەن: كۆلەملەشكەن تىجارەتنى يولغا قۇيۇپ، بازار ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تىجارەت ئېڭى ۋە دېھقانلارنىڭ پەن تېخنىكا، ئىلغار تىخنىكا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كەسپىي دېھقانلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىز ئاستا- ئاستا ئائىلىۋىي دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا يۈزلىنىپ، كۆلەمنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر