باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون مالىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ گازارمىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2015.03.10 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 8-مارت كەچتە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ مالىنىڭ شىمالىدىكى كىدال شەھىرىدە تۇرۇشلۇق گازارمىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە مالى پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا تاقەت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ. مالىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇھىم پەيتىدە تىنچلىق مۇساپىسىگە ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئەيىبلىشى كېرەك. بان كېمون بارلىق مالى خەلقىنى مۇشۇنداق زوراۋانلىق تەھتىدىنى رەت قىلىپ، توقۇنۇشنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر