باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەپتىش ئورگىنى ئامېرىكىغا بېرىپ تۇغۇشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى تەكشۈرىدۇ

2015.03.13 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەپتىش ئورگىنى 11-مارت جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتى سانت-ئاننا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى جۇڭگولۇق ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ تۇغۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. تەپتىش ئورگىنى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك تۇغۇتلۇق ئاچقۇچلۇق گۇۋاھچى ئايالنى چاقىرىتىپ گەپ سورىدى.

  ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇن ئىسپان ئېلىپ، كۆپ مىقداردا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات توپلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى كۆپ تارماق بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، 3-مارت نەچچە يۈز ساقچى ۋە رازۋېتكا خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتىدىكى 30 نەچچە تۇغۇت مەركىزى، توشۇش شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئامبۇلاتورىيەنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېرگىنىيە كەيس بىر باياناتتا بۇ خىل سودا ئامېرىكىغا كېلىپ بالا تۇغۇپ، بالىسىنى ئامېرىكا پۇقراسى قىلماقچى بولغان چەتئەللىك ئىككىقات ئاياللارنى قاتناش ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن، 3-مارتتىكى ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى قانۇنسىز بولۇشى مۇمكىن بولغان ساختا ۋىزا ياساش، ساختا باج ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلار ئۈستىدە يەنە بىر قەدەم ئىسپات توپلاش ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر