باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2015.03.13 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 12- مارت خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلات ، پىلان دوكلاتى، خام چوت دوكلاتىدىن ئىبارەت ئۇچ قارار لايىھەسى بىلەن قانۇن چىقىرىش قانۇنى تۈزىتىلمە قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  5-، 6- مارت، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى بىلەن پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، باش شۇجى شى جىنىپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىش خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دائىمىيلىقىنىڭ تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا ، خىزمەتلەردە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىلىپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىنچىكە ، ۋەزىپە ئېنىق ، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولۇپ، ھەقىقىي، يول ئىچىپ يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى دوكلات بولۇپ، بۇ دوكلات ئومۇميۈزلۈك ماختاشقا ئېرىشتى. قاراپ چىقىش داۋامىدا، ۋەكىللەرمۇ بىر قىسىم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش جەريانىدا بەرگەن پىكىرلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 30 ئورۇنغا توزۇتۇش كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 17 ئورۇنغا مۇھىم توزۇتۇش كىرگۈزۈلدى. رەئىس ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل رەئىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش داۋامىدا بەرگەن پىكىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توزۇتۇش كىرگۈزۈشىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە كومىتېتىنىڭ 2014- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2015- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ، 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2015- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.

  7-مارت، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى پىلان توغرىسىدىكى دوكلات بىلەن پىلان لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى خام چوت دوكلاتى بىلەن خام چوت لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى دوكلاتقا ئايرىم ئايرىم توزۇتۇش كىرگۈزدى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل رەئىسى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ، گوۋۇيۈەننىڭ توزۇتۇش كىرگۈزۈشى ۋە مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ئاساسەن، پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 2014- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2015- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 2014- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2015- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  10-مارت، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن تۈزۈش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، قانۇن تۈزۈش قانۇنىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. ھەمدە قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، توزۇتۇش كىرگۈزۈلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇن لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر