باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە يېڭى ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچى شەرتنامىسىنى بېكىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.03.13 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-مارت، ياۋروپا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن،رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىنى تۈزۈش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىنى تۈزۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە كېڭەشمەكتە. يېڭى شەرتنامە نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رۇسىيە 11-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىنىڭ بىرلەشمە كېڭىشىش گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. رۇسىيە ئۇزاقتىن بۇيان، ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ، ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى. رۇسىيە پارلامېنتىمۇ بۇ ھۆججەتنى ۋاقتىدا تەستىقلىدى. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرى شەرتنامىسىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر