باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ئۈچۈن

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ھەققىدە

2015.03.11 09:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللىنىش سەپىرىدە جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

  بۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتى تەرەققىيات قانۇنىيىتىدە ئىگە بولغان خۇلاسە.

  −− ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە ئاجىزلاشسا مەدەنىيەت چېكىنىدۇ. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش كېيىنكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىشتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلنىڭ بېشىدا يۈننەنگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا، دالى شەھىرىنىڭ ۋەنچياۋ بازىرى گۇشېڭ كەنتىگە بېرىپ، ئېرخەي كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ يەرلىك كادىرلار بىلەن بىرلىكتە سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېرخەي كۆلىنىڭ يېنىدا سۈرەتكە چۈشكەندە: «بۇ سۈرئەتنى دەرھال ساقلاپ قويۇڭلار، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن ئېرخەي كۆلى سۈيىنىڭ تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ سۈزۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، ئۇ يەنە ئېرخەي كۆلىنى چوقۇم ياخشى قوغداپ، ساڭشەن تېغى بىلەن ئېرخەي كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تاپىلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش قەدىرلىشىمىز كېرەك، ئېكولوگىيلىك مۇھىتنى قوغداشتا يىراقنى، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئۇنىۋېرسال پىلانلىشىمىز، ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز، بۈگۈننىلا ئويلاپ ئەتىدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە بولۇپ، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  گۈزەل، قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى ۋە كۈچ مەنبەسى. بۇ كۈچ ئۆچمەس جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن كەلگەن. تەبىئەتنى ھۆرمەتلەش، تەبىئەتكە بويسۇنۇش، تەبىئەتنى قوغداش، شى جىنپىڭنىڭ شەرق مەدەنىيىتىدىكى ئىناق، تەڭپۇڭ بولۇش ئىدىيەسىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر