باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

2015.03.31 18:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باش ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا 30-مارت ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىرەيلەن قازا قىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.

  ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا ئايالچە ياسىنىۋالغان ئىككى ئەر ماريلاند ئىشتاتىنىڭ مېدىربورگ شەھىرىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باش ئورگىنى دەرۋازىسىدىن ماشىنىلىق بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئوق چىقىرىپ توسۇۋالغان، ماشىنىدىكى بىر ئەر نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىرەيلەن ئېغىر يارىلانغان. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋەقەدە يارىلانغان.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار ئارقىدىن ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنىدىن زەھەر ۋە بىر تاپانچا تېپىۋالغان.ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىدارىمىزنىڭ بىر خىزمەتچىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە، ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەتلەر يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر