باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېقىنقى ناچار ھاۋارايىدا شىنجاڭدا 2812 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

2015.03.31 14:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا مۆلدۈر، ئەگىز كەلكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەر بولۇپ، 2812 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 11 مىليون 505 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

  24-مارت توققۇزتارا، چاپچال، نىلقا، بۇرۇلتوقاي، كۆكتوقاي، تولى قاتارلىق ناھىيەلەردە بوران چىقىپ، مۆلدۈر يېغىپ، بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى ماي قەغەزلەرنى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن، پارنىك ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. جىمىنەي، قابا ناھىيەلىرىدە يىغىندى قارلار تېز ئېرىپ، ئەگىز كەلكۈنى كەلگەن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 27-مارت سائەت 11 گىچە 2812 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 110 ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن، 15 ئېغىز ئۆي ئېغىر دەرىجىدە، 44 ئېغىز ئۆي يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان، 100 گېكتار زىرائەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 11 مىليون 505 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر