باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

2015.03.30 16:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق 28-مارت شىنجاڭ ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى، شىنجاڭ بويىچە 500 دىن ئارتۇق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كارخانىچى يىغىلىپ، بۇنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىنجاڭدا نۆۋەتتە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا 70 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 10 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم 150 تىن ئارتۇق كارخانا ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. شىنجاڭ ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شىنجاڭ گۇمەنساڭ خەلقئارا ئاشلىق-ماي ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈنشيانىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسى بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئاياللار ئۈچۈن كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا، كارخانا ۋە كارخانا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى ئويناپ، ئايال كارخانىچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئايال كارخانىچىلار ئۈچۈن كارخانا تەربىيەسى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرزى، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق قوغداش، قىيىنچىلىققا ياردەم قىلىش، ئۇچۇر ئالاقىنى ھەمبەھىرلەشتىكى مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر