باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو دۇنيا تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

2015.03.30 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، خەينەن بوئاۋ، 29-مارت تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ دۆلەت مېھمانخانىسىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيانىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىن «ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسى: تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئاتلىنىش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇر مۇزاكىرىلىشىپ، ئاسىيانىڭ تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئىگىلىدى، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردۇق ۋە پائال ئىلگىرى سۈردۇق. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تاكتىكىسى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر