- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت سۇ بايلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.03.31 18:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېلىئاسسون 30-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 69-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇ ۋە سەھىيە مەسىلىسى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم، خەلقئارا جەمئىيەت سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئالاقىدار ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئېلىئاسسون تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىككى مىليارد 500 مىليون كىشىنىڭ يېتەرلىك سەھىيە ئەسلىھەسى كەمچىل، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2003-يىلى دېكابىردا 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى«ھاياتلىق سۈيى» خەلقئارالىق ھەرىكىتىنىڭ ئون يىلى قىلىشنى قارار قىلغان، بۇنىڭدىن مەقسەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشىپ، 2015-يىلىدىن بۇرۇن ھازىرقى سۇ ۋە سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تۈرلۈك خەلقئارالىق ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر