باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.03.27 08:43   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ سرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-مارت خەلق سارىيىدا سرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ سىرىسېنانىڭ زىيارەتتە بولۇش ھەمدە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سرىلانكا ئەنئەنىۋىي دوست قوشنىلار. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇانسىۋىتى ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمدە ھەر ساھە ئەرباپلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، ئۇنىڭغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن سرىلانكا باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلدى. جۇڭگو سرىلانكىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، سرىلانكا بىلەن بىللە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سىرىسېنا مۇنداق دېدى: سرىلانكا يېڭى ھۆكۈمىتى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، پەن-تەتقىقات، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يىپەك يولى سرىلانكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تارىخىي مىراسى، سرىلانكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى رامكىسى ئاستىدا كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سرىلانكا يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ياردىمىنى سرىلانكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشكە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىدۇ. سرىلانكا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سرىلانكىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارىشى ئالىدۇ ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ساغلام مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…