باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ماشىنىسى مالىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2015.03.31 18:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتىغا تەۋە بىر يۈك ماشىنىسى 30-مارت مالىنىڭ شىمالىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ماشىنىدىكى بىرەيلەن قازا قىلدى، بىرەيلەن يارىلاندى.

  قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، قازا قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ھامادۇن بولۇپ يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ئىكەن، ئۇ قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن. يارىلانغۇچى قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ مالىلىق خىزمەتچىسى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ يارىسى مۇقىم بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىكەن.

  قىزىل كىرىس خەلقئارا كومىتېتى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مالىنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇقرالارنى قوغداپ، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە قىزىل كىرىس بەلگىسىگە ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر