باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى

2015.03.26 16:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن خەلق سارىيىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرى راجاد ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ ۋېيۋۇيەن بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ راجاد بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولۇپ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي مۇرەككەپ تەسىر پەيدا قىلماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو قۇرۇلما خاراكتىرىلىك ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇلازىمەت ئەمەلىي گەۋدە ئىگىلىكى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چۆرىدەپ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى SDR نى تەكشۈرىدۇ. جۇڭگو SDR ئارقىلىق يەر شارىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىش ۋە قوغداشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلق پۇلى كاپىتالى تۈرلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن نەق پۇلغۈا ئالماشتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرىدۇ، خەلق پۇلىنىڭ ئەركىن ئىشلىتىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، چېگرا ئىچىدىكى شەخسنىڭ چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىش ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدۇ.

  راجاد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى SDR نى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ھەققىدە جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ جۇڭ ۋېيۋۇيەن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تېخىمۇ زور رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆز رايونىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق پوزىتسىيەدە ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بىر بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئورتاق غەلبىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭ ۋېيۋۇيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مۇساپىسىغا ئۇزاق مۈددەت قاتنىشىش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ مۇھىم قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماس، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر