باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كومورو زۇڭتۇڭى يىجىلىلۇ ۋاڭ جيارۈي بىلەن كۆرۈشتى

2015.03.31 18:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كومورو زۇڭتۇڭى يىجىلىلۇ تۈنۈگۈن پايتەخت مورنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كوموروغا زىيارەتكە بارغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۈلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي بىلەن كۆرۈشتى.

  يىجىلىلۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومورونىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نۇرغۇن ياردەملەرنى بەردى، كومورو بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. كومورو بىر جۇڭگو سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

  ۋاي جيارۈي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، جۇڭگو بۇ پۇرسەتتە ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى كومورو پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر بىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر