باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جىشىمان: ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ كەسىپ ساھەسىگە دىققەت قىلماقتىمىز

2015.03.31 18:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جىشىمان 30-مارت بىريۇسسېلدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ كەسىپ ساھەسىنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە كەسىپنى باھالاش نۇقتىسىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەت قىلىدۇ.

  جىشىمان مۇنداق دېدى: ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىپ، مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى، كەلگۈسىدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تەبىئىي تەرەققىيات جەريانىغا ئايلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئەنگلىيە ، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، دانىيە، شۋېيېتسارىيە، ليۇكسىمبۇرگ قاتارلىق ياۋروپادىكى دۆلەتلەر مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى كەينى كەينىدىن جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر