باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارلىشىشىغا قىزىل سىزىق ۋە ئاخىرقى چەك سىزىلدى

2015.04.02 10:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا« رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش ھەرىكىتىنى خاتىرلەش، ئۇقتۇرۇش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەدلىيەگە ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توساق قۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارلىشىشىغا قىزىل سىزىق ۋە ئاخىرقى چەك سىزىپ بەردى، بۇ بەلگىلىمە 18-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  بەلگىلىمە جەمئىي 13 ماددا بولۇپ ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ خىل تۈزۈم ئورنىتىلدى: بىرىنچى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرى كادىرىلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكېرت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىشىنى خاتىرلەش تۈزۈمى، ئىككىنچى، پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەدليەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكېرت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى، ئۈچىنچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەركىتى ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ خاتىرلىمەسلىك ياكى ئەينەن خاتىرلىمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، بۇ ئۈچ تۈزۈم بىرىبىگە باغلانغان بولۇپ، بىرى بىرىگە ماسلاشقان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلارنى ئېنىق بولدى: ھەرقانداق رەھىبرى كادىرنىڭ ئەدليەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكېرت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش ئەھۋالىنى ئەدلىيە خادىملىرى ئومۇميۈزلۈك ئەينەن خاتىرلىشى كېرەك، بارلىق جەريانلارنى خاتىرلىشى شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا ئوخشاش دەرىجىدىكى پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكېرت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ھەقىقىي خاتىرە قالدۇرۇشى قانۇن ۋە تەشكىل جەھەتتىن قوغدىلىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھىرىي كادىرلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەدلىيە ھەرىكىتىگە ئارىلىشىپ ئېغىر ئاقىۋەت ۋە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار ياكى ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئۆچ ئالغانلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ، ئەدلىيە خادىملىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەرىكىتى، كونكېرت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش ئەھۋالىنى خاتىرلىمىسە ياكى ئەينەن خاتىرلىمىسە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلانسا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ، مەسئۇل رەھبەرلەر خاتىرلىمەسلىك ۋە ئەينەن خاتىرلىمەسلىككە بۇيرىسا قانۇن ئىنتىزام بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى« ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خادىملارنىڭ دېلونى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرلەش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ دېلونى سۈرۈشتۈرۈشنى خاتىرلەش، ئۇقتۇرۇش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەققىدە ئېنىق تەلەپ قويدى، بۇ بەلگىلىمە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەركىتىنى توسۇش تۈزۈمى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشقان بولۇپ، مۇداپىئە توسىقى قۇرۇلۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادىمىگەرچىلىك دېلوسى ۋە مەنپئەت دېلوسىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر