- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆتكەن يىلى مەركەز مالىيەسى 43مىليارد 300مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاجراتتى
2015.04.02 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان 2014-يىللىق مالىيە مەخسۇس تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجراتقان مەبلەغ 43مىليارد 300مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلىشىگە بەرگەن تولۇقلىما ياردەم 42مىليارد 400مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10ئاشقان، يېڭىدىن كۆپەيگەن قىسمى ئاساسلىقى تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارغا ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكنىڭ مالىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىنمىسىمۇ بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى تۆت مىليارد يۈز مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %10ئاشتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىشى بىلەن، مىللىي رايونلارنىڭ گەۋدىلىك نامراتلىق مەسىلىلىرى يەنىمۇ يىنىكلىتىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر