باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىك بالىدىن ۋاسكېتبول‹‹سېھىرگەرى››گە ئايلانغان ئادىلجان

2015.04.02 08:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادىلجان دېگەن بۇ ئىسىم جۇڭگولۇق ۋاسكېتبول مەستانىلىرىغا ۋە بارلىق شىنجاڭلىققا ئىنتايىن تونۇشلۇق.

  ئادىلجان دۆلەت كوماندىسى ۋە ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كوماندىسىنىڭ بېكى بولغان، ئۇ 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› تەنتەربىيە خىزمىتى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، ۋاسكېتبول ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە، ئۇ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› تەنتەربىيە خىزمىتى چوڭ ئەترىتىنىڭ بارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى باشقۇرىدۇ.

  ئادىلجان 1967 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى خوتەن ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىدا ئىشلىگەن. بىزدە بويى ئېگىز ئادەملەرلا ۋاسكېتبول ئوينايدۇ، دەيدىغان قاراش بار. ئادىلجاننىڭ 13 ياش ۋاقتىدا بوي ئېگىزلىكى ئاران .6 1 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ۋاسكېتبول ماھىرى بولۇشنىڭ .8 1 مېتىرلىق ئاساسىي بوي ئېگىزلىك ئۆلچىمىدىن خېلىلا يىراق ئىدى. ئادىلجان 1980 – يىلى خوتەندىن ئايرىلىپ 1989 – يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنە توققۇز يىلدا دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن، شۇ مەزگىلدە ئۇ ئالدى بىلەن شىنجاڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان، 1984 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جۇ چۈنلىنغا ياراپ قېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان، كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كوماندىسى ۋە دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان.

  17 ياشلىق ئادىلجان 1986 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئۇ بوي ئېگىزلىكى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يەڭمىسە بولمايتتى، ئۇ توپ ئېلىپ مېڭىشنى مەشىق قىلىپلا قالماستىن، توپ تۇتۇش ۋە پاس بېرىشنى، ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەش ۋە مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگەنمىسە بولمايتتى. ئۇ كوماندىدىكى باشقا ماھىرلارنىڭ توپ ئويناش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە يۈگۈرۈش لىنىيەلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، مۇسابىقىدە قوللانغان.

  ئۇ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول مەيدانىدىكى ‹‹سېھىرگەر›› دەپ تەرىپلەندى.

  ئادىلجاننىڭ ۋاسكېتبول ھاياتى شان – شۆھرەتكە تولغان: ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا توققۇز يىل توپ ئويناش جەريانىدا كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبولچىلىقىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەككىز كوماندا قاتارىغا كىرىش تارىخىنى ياراتقان؛ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسىي بېكى بولۇش جەريانىدا ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى CBA دا ئۇدا ئالتە نۆۋەت چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈپ، بۇ كوماندىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان؛ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا 14 يىل تىرېنېر بولۇش جەريانىدا CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى، ئۈچ قېتىم ئىككىنچىلىكنى ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ئادىلجان 2001 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بۇ كوماندىغا تىرېنېر بولۇپ تاللانغان، ئادىلجان قىسقىغىنە ئىككى ئايدىلا تىرېنېرلىق خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن ھەم تىرېنېر بولغان يىلىلا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر›› بولۇپ باھالانغان. لېكىن، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم CBA نىڭ كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىسىگە كىرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹‹شىرمەت قوشۇن›› قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشكە باشلىغان.

  پېشقەدەم ماھىر ھېسابلىنىدىغان ئادىلجان ئەينى ۋاقىتتىكى بويى پاكار بولۇش سەۋەبلىك باشقىلار ياراتمايدىغان بېكتىن، بۇ كوماندىغا تىرېنېر بولۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەشكىچە بولغان جەرياندا نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان.

  ئادىلجان شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ‹‹شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببىتىم چەكسىز، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تۆت قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۆسۈپ چىقىدۇ، ھازىر شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ قۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن››، دېدى ئادىلجان كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئادىلجان ئۆز ھاياتىدا مۆجىزە ياراتتى، ئۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ياشلارغا ئۈلگە بولۇشنى، كۆڭلىگە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى پۈككەن، تالانتلىق ۋە قىزغىن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر