خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ جىننىس دۇنيا رېكورتى شىركىتىنىڭ بېكىتىشىگە ئېرىشكەن ئوگاۋا مىساۋ شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاپرىل ئەتىگەن سائەت 6دىن 58مىنۇت ئۆتكەندە ئوساكا شەھىرىدىكى بىر ئالاھىدە ساناتورىيەدە 117يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئوگاۋا مىساۋ 2013-يىلى جىننىس دۇنيا رېكورتى شىركىتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال دەپ بېكىتىلگەن، كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى بولۇپ قالغان. ئۇ 1898-يىلى ئوساكادا تۇغۇلغان بولۇپ، كىمونو كىيىمى خوجايىنىنىڭ تۆتىنچى قىزى، ئۇنىڭ 3پەرزەنتى، 4نەۋرىسى، 6چەۋرىسى بار.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى