باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول قۇرلۇشى نەچچە تىرىليون يۈەن مەبلەغقە تۈرتكە بولىدۇ

2015.04.02 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرى بازار كۆزلىمىسىگە ئوخشاش بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېت، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى 28-مارت « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتى»نى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، لىنيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگيەسىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پىلانغا قاتناشقۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر بەلباغ بىر يول ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتىنىڭ چىقىرىلىشى پەقەت خەلقئارانىڭ تەلىپى بويىچە بىر بەلباغ بىر يول ئۇقۇمىنىڭ كونكېرتلاشتۇرۇلۇشى، پروگرامما خاراكتېرلىك پىلان، بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 30 يىلدىن 50 يىلغىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ، كارخانا ساھەسىدىكىلەر، مەبلەغ ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقۇرى، مۇتەخەسسسلەرنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان دەسمايە كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا دۆلىتىمىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى دولقۇنىغا كىرىدىكەن.

  بىر بەلباغ بىر يولدىن ئىبارەت بۇ تورتنى تالىشىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلار كەم بولسا بولمايدۇ، جۇڭگو بانكا ـ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسى ماكرو تەتقىقاتىنىڭ مەسئۇلى جۇ جىڭدەن مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يولنىڭ مەبلەغ ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان تەلىپى ناھايىتى چوڭ، ھېسابلىنىشىچە، 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئون يىل جەريانىدا ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ئۈچۈنلا 8 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئەمما لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى نىسبەتەن چەكلىك، زاپاس ساقلاش نىسبىتى ئاران %22 ئەتراپىدا، جۇڭگونىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. مىنشېڭ ئاكسىيەسى مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ بىر يول ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى ئاساسى مىلودىيە قىلغان دىپلوماتىيە ئىستراتېگيەسىدە يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ بىر بەلبەغ بىر يولنى پۇرسەت قىلغان دۆلەت مۈلكى مەنپى قەرزى جەدۋىلىنىڭ يېڭىباشتىن تۈزۈلۈپ چىقىرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، 2015-يىلى جۇڭگو 4-قېتىملىق مەبلەغ سېلىش دولقۇنىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر