باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردىن خوتەنگە ئايرودروم لىنيەسى ئېچىلدى

2015.03.31 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-چېسلا سائەت 14:00تە، 90 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ UQ2527 نۆۋەتلىك ئايروپىلانى قەشقەردىن قوزغىلىپ، بىر سائەتتىن كىيىن سائەت 15:00تە خوتەن ئايرودرومىغا قوندى، بۇ ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ قەشقەردىن خوتەنگە بولغان لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىىتنىڭ ئالاقىدار مەسئول خادىمى مۇخبىرغا، بۇ ئايرودروم لىنىيەسىدىكى ئايروپىلاننىڭ قەشقەردىن ھەر ھەپتىدە دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:00تە قوزغىلىپ، 16:00دە خوتەنگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى؛ خوتەندىن سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:00تە قوزغىلىپ، 16:00دە قەشقەرگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان تۇنجى ئايدا، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى مەلۇم نىسبەتتە ئېتىبار باھالىق بىلەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، يولۇچىلار شيېچېڭ تورى، قەيەرگە بارىسىز تورى ياكى ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى مەركىزىنىڭ بىلەت زاكاز قىلىش تېلېفونى 95071059غا تېلېفون قىلىپ ئالاھىدە باھالىق بېلەتلەرنى سىتىۋالالايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر