باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى: لى كېچياڭ دىپلوماتىيە «يېڭى نۇسخىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈردى

2015.03.30 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 27-مارت جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموفقا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ بۇلتۇر قىشتا قازاقىستاندا «ئۇرۇق» تېرىغانىدۇق، بۇ «ئۇرۇق» ناھايىتى تېزلا بىخلىنىپ، ناھايىتى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

  لى كېچياڭ دېگەن «ئۇرۇق»، بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن لى كېچياڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو-قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق پىلانى»نى كۆرسىتىدۇ. سۆھبەتلىشىش جەريانىدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوفنىڭ بېكىتىلگەن تەرتىپنى بۇزۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىدىن ئەتىسى ئەتىگەندە قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف بىلەن ئىچكىرىلەپ مەسلىھەتلەشكىچە، زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو-قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق پىلانى بۈگۈنكى كۈندە يارقىن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىسى 27-مارت چۈشتىن كېيىن كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا ئائىت 33 ھۆججەتنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى، تۈر مەبلىغى 23 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەمكارلىقىدىكى «يېڭى نۇسخىسى»غا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن نورمال شەكىل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر