باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو-چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.03.30 17:27   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو-چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق گېزىتى، خەينەن بوئاۋ، 29-مارت تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ دۆلەت مېھمانخانىسىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-چەت ئەل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمۇ ماس قەدەمدە ئۆرلىدى، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بارغانسېرى ئېچىۋېتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بولغان كاپالەت ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتەك يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى مەسئۇلىدىن 40 كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىدا تۇراقسىزلىق، ئېنىقسىزلىق، تەڭپۇڭسىزلىق يەنىلا گەۋدىلىك، ئاسىيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئېشىشنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە كارخانىچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…