باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، لى كېچياڭ ئۈچ چوڭ سىياسەت ئېلان قىلدى

2015.04.09 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئۈچ تۈرلۈك قارالما تەتقىق قىلىپ ماقۇللاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئورتاق باش تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بولدى.

  مەيلى مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە كارخانىلارنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشىنى تازىلاش ياكى كۆمۈر ئېلېكتر تورغا چىقىش توك ھەققى ۋە سودا-سانائەت كەسپىنىڭ توك ئىشلىتىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش شۇنداقلا تۆمۈر رۇدىسى بايلىقىنىڭ باج ئېلىش نىسبىتىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش بولسۇن بۇ ئۈچ چوڭ سىياسەتنىڭ ھەممىسى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشتىكى مۇھىم تەبىر.

  بىرىنچى پەسىللىك ماكرو ئىگىلىكنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بۇ قارالمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر، تەجرىبىدىن قارىغاندا ئىككىنچى پەسىلنىڭ كىرىشى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ھالقا بولۇپ، سىياسەت تەڭشەش بازارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە يۈزلىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بۇ پەيتنى تاللاپ ئۈچ چوڭ سىياسەتنى ئېلان قىلىشى بازارنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر