باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىلەر ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ ئۆچمىگەن يانار تاغ››نىڭ يەر ئاستى كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشى دەپ بېكىتتى

2015.04.09 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -9ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى سارداۋان يېزىسى چوڭ بۇلاق كەنتىنىڭ شىمالىدا ‹‹ۋولقان ئېغىزى›› بايقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېقىندا توردا تارقالدى. شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ساۋ جيەنۋېن 8-ئاپرېل ‹‹ ئۆچمىگەن يانار تاغ››نىڭ يەر ئاستىدىكى تاش كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى دەلىللەپ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش بەلۋېغى، يەر قاتلىمى كۆمۈر بولغاچقا كۆيگەندىن كېيىن ئولتۇرشۇپ، ۋولقان ئېغىزى شەكىللەنگەن.

  توردا تارقالغان خەۋەردە، ئۈرۈمچى غەربتاغ يانباغىرنىڭ ئولتۇرىدا بىر قېلىپسىز يۇمىلاق ئېغىز بار، بۇ ئېغىزنىڭ دېئامېتىرى 150 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ تېگىگە كۆز يەتمەيدىكەن، ئىچى گۈرۈلدەپ كۆيۈپ، قىپقىزىل يېنىپ تۇرىدىكەن. ئۆلچەپ بېكىتىشلەرگە قارىغاندا، ‹‹ۋولقان ئېغزى››نىڭ گىرادۇسى ℃792 ئىكەن دېيىلگەن.بۇ ئېغىزنىڭ ئەتراپىدا مۇخبىر 4 دانە تېلكامىراغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۈزۈتۈش ئۈسكۈنىسىنى بايقىغان. ساۋ جيەنۋېننىڭ دېيىشىچە ، بۇ سىمسىز كۈزۈتۈش ئۈسكۈنلىرىنى يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئورناتقان بولۇپ، تېمپېراتۇرا يۇقۇرى جاينى تاللاپ ئۆلچەيدىكەن، ھەر سېكۇنتتا بىر سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن، بۇ ئارقىلىق تېمپراتۇرا يۇقىرى جاينى كۆزىتىپ مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  ساۋ جيەنۋېن يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىدە مەبلەغ قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ، بايلىق شۇنداقلا مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ خىزمىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭدا كۆمۈرلۈك ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىش رايۇننىڭ كۆلىمى چوڭ ئىكەن، 2013-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق 47 جاي بايقالغان. ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىلا سانجى ليۇ خۇاڭ گۇ، مىدۇڭ رايۇنى تۆمۈرتام، ئۈرۈمچى ناھىيە سارداۋان يېزىسى داچۈەن يېزىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيە جەنۇبىي تاغ قارىغاي بىشى رايۇنى قاتارلىق يەرلەردە بۇنداق بەلۋاغ بار ئىكەن. ھازىر، ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ليۇ خۇاڭ گۇ كۆمۈر قاتلىمى ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كىتىدىغان رايۇندا ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن باشقا، باشقا رايۇننىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى تېخى باشلانمىدى .

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر