باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا

2015.04.07 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۈرۈمچى-ئوتتۇرا ئاسىيا يىپەك يولى غەربكە سەپەر خەلقئارا يۈك پويىزىنىڭ قاتنىغىنىغا بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، 60 قا يېقىن ئۈرۈمچى-ئوتتۇرا ئاسىيا يىپەك يولى غەربكە سەپەر خەلقئارا يۈك پويىزى يىپەك يولىدا جۇلالىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غەربكە سەپەر خەلقئارا يۈك پويىزى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىشتىكى خەلقئارا ۋە ئىچكى چوڭ يولنى ئېچىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېرىشماقتا. ئالدى بىلەن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق تۆمۈريول بىۋاسىتە لىنىيەسى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە كۆپ نۇقتا، كۆپ لىنىيەلىك قاتناش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا بىر قېتىمدىلا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈش، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئۆتكۈزۈشتەك تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەندىزىسى قوللىنىلدى؛ 60 قا يېقىن پويىز ئىشقا سېلىنىپ، 75 مىڭ 900 توننا مال توشۇلدى، سودا قىممىتى تەخمىنەن 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى؛ چېگرىدىن چىققان ماللار ئاساسلىقى نېفىت ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بولدى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى-ئوتتۇرا ئاسىيا يىپەك يولى غەربكە سەپەر خەلقئارا يۈك پويىزىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشلىرى قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ۋوگزاللارنى تولۇق قاپلاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر