باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2015.03.20 14:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015- يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تۈنۆگۈن باشلاندى. بۇ يىل 73 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 17 مەكتەپنىڭ مۇزىكا، تىياتىر كىنو- تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى، رەسىم سىزىش، ئۇسسۇل، كېيىم- كېچەك، ئارخىئولوگىيە قاتارلىق 28 كەسپكە چېتىلىدۇ. تىزىملاتماقچى بولغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى كىشىلەر جەزمەن «ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، نوپۇسى قاراشلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملاتسا بولىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتوتىدا نەق مەيداندا تىزىملىنىدۇ ھەمدە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن كەسپىي جەھەتتە سىناق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 2010- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق تەربىيىلەش پىلانى يولغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى يىل. ھازىرغىچە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىسىدىن 501 خادىم تەربىيىلەنگەن. نىشانلىق ھاۋالىلىك تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش كېلىشنامىسى تۈزۈش كېرەككەن. ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت مالىيىسى ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش كېلىشنامىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆزلىرى تاللايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر