سۈرەتتە: ئوت ئۆچۈرۈش داۋامىدا ماغزاپ دەرياسىغا ئايلانغان مانچېستېرنىڭ ئاشىتون قانىلى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -9ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە مانچېستېر رايونىنىڭ ئاشىتون قانالى ئەتراپىدىكى بىر خىمىيە- سانائەت زاۋۇتىغا5-ئاپرېل ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئۆچۈرگەندە، ئوت كەتكەن بىنانىڭ ئىچىدىكى زاپاس سۇيۇق سوپۇن سۇ بىلەن ئارلىشىپ، نۇرغۇن ماغزاپ ھاسىل قىلىپ، ئاشىتون قانىلى ماغزاپ دەرياسىغا ئايلانغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى