باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - قارارلىق ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنى يزات كۇرسانتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.04.09 15:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8 - ئاپرېل شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىلى 2 - قارارلىق ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات كۇرسانتلىرىنى يوقلىدى ۋە كۇرسانتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى، سۆھبەت يىغىنىدا ئابدۇلئەھەد باۋۇدۇن قاتارلىق ئۈچ كۇرسانت ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلىنىش تەسىراتىنى سۆزلىدى.

  شۆھرەت زاكىر كۇرسانتلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار - ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررولۇق جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەقنى سۆزلەپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى ياخشى يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى.

  شۆھرەت زاكىر بارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆز رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئاڭلىق قوغداشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەتەننى، دىننى سۆيگۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئېتىقادچى ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە زوراۋان - تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئاكتىپ يېتەكلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسقۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» تارقاتقان ئەسەبىي ئىدىيەنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دوستانە، تىنچىلىقپەرۋەر، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان، ئىناق، مېھرىبان روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنى ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشقا يېتەكلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا پەقەت مىللەتلەر ئىناق - ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەت گۈللىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەدەنىيەت ئالغا باسىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسى بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرگە مەردانىلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادچى ئاممىغا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆز ۋە ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قانۇن - تۈزۈمگە رىئايە قىلغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. قانۇن - تۈزۈمگە رىئايە قىلىش −− دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر پۇقراسى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي تەلەپ، مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئوخشاشلا قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. شۇڭا، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قانۇن - تۈزۈم ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن - تۈزۈملەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئېتىقادچى ئاممىنى قانۇن - تۈزۈم ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى، دىننىڭ مائارىپ، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىقلارغا ئارىلىشىشىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىنىڭ سىنىپ، كۇرسانتلار ياتىقى، ئاشخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە كۇرسانتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، چېڭ جېنشەنلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر