باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: تور تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز

2015.04.09 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياخشى بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، قىسمەن كارخانىلارنىڭ تور ئويۇنى تەشىۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە زوراۋانلىق شەھۋانىي مەزمۇنلارنى قوشۇش ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىش، خېرىدارلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە دەخلى تەرۈز قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارغا قارىتا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «تور ئويۇنى تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتلىرى «كۆرەلەيدىغان، باشقۇرالايدىغان» بولۇشتەك يېتەكچى ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن ساھەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قارىشىنى تىكلەپ، تور ئويۇنى تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى تور ئويۇنى كارخانىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۇچۇر ئارخىبىنى تۇرغۇزىدۇ. ئاخىرقى نۇقتىسىنى تۈزەش بىلەن ئالدىنقى نۇقتىسىنى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تور ئىچىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن تور سىرتىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق، سودا سانائەت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، كېڭىشىش، يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ بېرىش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق مېخانىزىملارنى ئورنىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلانلارنى ئومۇملاشتۇرۇش بىرلەشمىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىپ، تور ئويۇنى تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى جىنايى ئىشلار ھەرىكىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر