باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

2015.04.10 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش پىلانى ھەم ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» لايىھەسىنى ئېلان قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇش... بۇ بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ھەرىكەت بۇرغىسىنى ياڭراتتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا مۇقەررەر ھالدا گۈللەنگەن ئىقتىساد چوڭ كارىدورى تېز شەكىللىنىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى مۇقەررەر ھالدا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم. شىنجاڭدا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش يىپەك يولىنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى قايتا نامايان قىلىش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى رېئال تاللاشتۇر.

  شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد زور

  شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلىشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مۇقەررەر ھالدا يىپەك يولى تاۋار سودىسىدىكى يىغىش - تارقىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتتا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا رايون خاراكتېرلىك، ھەتتا دۇنياۋى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇپ چىقىشىدىن ئۈمىد زور.

  2013 - يىلى 11 - ئايدا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزى قىلىپ قۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەردە پۇلنى تولۇق تېگىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئوبوروت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشكە؛ پۇل مۇئامىلە ياردىمى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ، تىنچ ئوكياندىن بالتىق دېڭىزىغىچە بولغان تىرانسپورت چوڭ يولىنى ئېچىشقا؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىغا پايدىلىق.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ سۇروڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىشتا سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل، كاپىتال، تېخنىكا، مۇلازىمەتلەرنىڭ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن يۆتكىلىشى تېزلىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختا

  رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىشتا شىنجاڭ بىر قەدەر پۇختا پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە.

  تارىختىن قارىغاندا، شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولى سودىسىنىڭ تۈگۈنى بولغان.

  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوللاش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. قەرز پۇل ئېلىش مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئامانەت پۇل بىلەن قەرز پۇل نىسبىتى سىجىل ئاشتى، يېقىنقى تۆت يىلدا قەرز پۇل بېرىش ئۆتكەن 60 يىلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ھەم ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى ئۆتكەن 14 يىلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى غەربىي شىمال رايونىدىكى تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان تۇنجى رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى سودا بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2013 - يىلى 10 - ئايدىن بۇ يىل 3 - ئايغىچە، ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانا 523كە يېتىپ، 40 تىن كۆپرەك كارخانا 763 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، قىممىتىنى بايقاش، كارخانا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كاپىتال كىرگۈزۈش، چېكىندۈرۈش، بازارغا سېلىپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىق بازار ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى.

  2010 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز غەربىي رايون بويىچە پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش تۈرىدىكى كارخانىلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان رايون بولۇپ قالدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى 915كە يېتىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن، جياڭسۇ، تيەنجىندىن قالسىلا مەملىكەت بويىچە يەتتىنچى ئورۇندا تۇردى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا جەمئىي 13 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا 5 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك باج تاپشۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپى فوندى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش شىركىتى ھەم شىنجاڭ سودا بازىرىغا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قۇردى. كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بۇ گۇرۇھنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئۇنىۋېرسال سودا سۇپىسى قىلىپ قۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2009 - يىلى مەملىكەت بويىچە چېگرىدىن ھالقىپ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىپ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان تۇنجى رايون بولۇپ تەستىقلاندى. 2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق 66 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرىدىن ھالقىپ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش كەسپىي ئالاقىسى قىلدى، جەمئىي راسچوت مىقدارى 150 مىليارد 304 مىليون يۈەنگە يەتتى، راسچوت قىلىش كەسپى سودا، تىرانسپورت، قۇرۇلۇشنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلدى.

  بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىچكى قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

  رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭدا بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا ئىچكى قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، 2014 - يىلى 2 - ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوندا رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشتا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا چېگرا سىرتىدا خەلق پۇلى ئامانەت قويۇش مەركىزى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشنى تەجرىبە قىلىش رايونى قۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  جۇ سۇروڭ رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشتا مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش مەركىزى، ھېسابات قىلىش مەركىزى، پۇل مۇئامىلە بازىرى مەركىزى، تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەركەزنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ ھازىرقى سۇپا، يول، سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن، ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات فوندىدەك مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھازىر بار بولغان خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشى؛ جۇڭگو(شىنجاڭ) −− ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ئېنېرگىيە، بايلىق، تاۋار سودا مەركىزى ۋە خەلقئارا رايون زايوم بازىرىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى؛ خەلق پۇلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاختاي ئېسىش، ئايرىباشلاش، سودىلىشىش كۆلىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى(شاڭخەيدىكى)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پۇللىرىغا چېتىشلىق تاختاي ئېسىش، ئايرىباشلاش، سودا قىلىش كەسىپلىرىنى شىنجاڭدا تەسىس قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.

  سۇنىڭ مۇنداق دېدى: رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشتا بىز يەنە تاشقى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا رايون ھالقىيدىغان پۇل مۇئامىلىسى بويىچە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشى ھەم ئۇنىڭ باش ئىشتابىنىڭ ئۈرۈمچىدە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  سۇنىڭ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلار پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، بىز ئاپتونوم رايون ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش ئاساسىدا، خەلقئارالاشقان پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرىنى پائال كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر