باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ كورېيە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە زاكاز شەكلىدىكى ۋىزا مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ

2015.04.10 14:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، سېئول، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورىيەگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقتىن، كورىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. 6-ئاپرېل قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كورىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا تارقىتىش دائىرىسىنى بارلىق كوللېكتىپ ساياھەتچىلەرگىچە كېڭەيتىپ، زاكاز شەكىلىدىكى ۋىزا مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كورىيە ئەسلىدە ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا مۇلازىمىتىنى چەت ئەللىك ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە داۋالىنىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان. جۇڭگونىڭ كوللېكتىپ ساياھەتچىلىرىگە قارىتىلغان ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا مۇلازىمىتىنى كورىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ يىلدىن باشلاپ بېكىتىدۇ، ۋاكالەتچى شىركەت سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ.

  قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 20-ئاپرېلدىن باشلاپ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خۇسۇسىي يولۇچىلارغا تارقاتقان بىر يىل، ئۈچ يىل، بەش يىللىق كۆپ قېتىملىق ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك مۆھلىتىنى بىردەك بەش يىل قىلىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.

  ۋىزا تارقىتىش ئوبيېكتىنىمۇ 17 ياشقا توشمىغان، 60 ياشتىن يۇقىرى، تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە كېڭەيتىدۇ. كۆپ قېتىملىق ۋىزىنىڭ تارقىتىش ئوبيېكىتى مۆلچەرلىنىشىچە جەمئىي 635 مىليون كىشى بولىدىكەن.

  كورىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا تارقىتىش سانى 2012-يىلىدىكى 1 مىليون 596 مىڭدىن كۆپىيىپ 2014-يىلى 3 مىليون 313 مىڭغا يەتكەن، ئىككى يىلدا %107 ئاشقان، ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگودىن كورىيەگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىمۇ 2 مىليون ئادەمدىن 4 مىليون 280 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، بىر ھەسسە ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر