باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ياشلارنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك

2015.04.08 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى. 2-نۆۋەتلىك ياشلار يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشقىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى، ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ روھى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەۋج ئالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قىزغىن، دوستانە بولۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئولىمپىك روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلىق باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنياغا «جۇڭگو خۇش ئاۋازى»نى تارقىتىپ، ئولىمپىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «نەنجىڭ تەجرىبىسى» توپلىدى. ياشلار ئولىمپىك روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان كۈچلۈك يېڭى قوشۇن تەربىيەلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر