باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت ئاسراش سانلىق مەلۇماتى ساختا قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىدۇ

2015.04.09 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىكى ساختىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تەرتىپ قائىدە ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئۈستىدە كېڭەشمەكتە. تەكشۈرۈش تۈزۈمى، دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى تەسىس قىلىش، مۇھىت تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇھىت تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەخسۇس تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ مۇھىت تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرى بولۇپمۇ مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەلۇماتى ساختىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  مۇئاۋىن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى ۋۇ شياۋچىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە بۇ يىل 10-ئايدىن ئىلگىرى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سىگنال سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. 2014-يىلى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 12 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، چاڭجاڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى 12 ئۆلكە ،ئاپتونوم رايون ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 72 ھاۋا تەكشۈرۈش پونكىتى، 72 دۆلەت كونترول قىلىدىغان بۇلغىنىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، قىسمەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھالاش بېسىمىنى يېنىكلىتىش، مۇھىت ئاسراش سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرىنى ئويدۇرۇش، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ھۆكۈمەت ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، مۇھىت تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا زور ئاپەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر