باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.04.09 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى 8-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۈجىچۈسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يارىتىش كېرەك.

  لى جەنشۈ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى خىزمىتىدە پارتىيەلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئالدى بىلەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ يادروسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، بۇنىڭ ئاچقۇچى-پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش. پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىدا «بىرنى گەۋدىلەندۈرۈش»، «ئىككىدە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋاقىت بۆلىكىدىكى تارىخى تەتقىقاتنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەنى 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىغا يېقىندىن ئەگىشىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە پارتىيە تارىخى تارماقلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخى نەتىجىلىرىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيە تارىخى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە جىددىيلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، تارىخى مەسئۇلىيەت ۋە تارىخى بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر