باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىدىكى پامىر ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى جاي بېكىتىش باسقۇچىغا كىردى

2015.04.10 13:55   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىدىكى پامىر ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى جاي بېكىتىش باسقۇچىغا كىردى

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇم گۇرۇھى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى باھالاش مەركىزى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق يەتتە ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى 8-ئاپرېل تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ، پامىر ئايرودۇرۇمى ئۈچۈن تاللانغان جايلارغا قارىتا باھالاش ئېلىپ باردى. بۇ پامىر ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ پامىر ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى ‹‹جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى›› قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ تۈر بولۇپ، ئاللىقاچان گوۋۇيۈەننىڭ 5-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەن. كۆپ قېتىملىق تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۈچ جاي ئەڭ ئاخىرقى باھالاپ بېكىتىشكە سۇنۇلغان.

  تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر ئايرودۇرۇمى، يەكەن ئايرودۇرۇمىدىن كېيىنكى 3-ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پۈتكەندىن كېيىن يېقىن ئارىلىق لىنىيەلىرىدىن تاشقورغان-قەشقەر، تاشقورغان -ئۈرۈمچى، تاشقورغان-يەكەن، تاشقورغان-غۇلجا، تاشقورغان-ئاقسۇ، يىراق لىنىيەلىرىدىن تاشقورغان-بېيجىڭ، تاشقورغان-شىئەن، تاشقورغان-شېنجېن لىنىيەلىرى ئېچىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، باھالاش گۇرۇپپىسى 9-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاخىرقى باھالاپ بېكىتىش خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، ئايرودۇرۇم ئورنىنى بېكىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…