باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ چەتئەل قەرزىدىكى قەرزدار بولۇش نىسبىتى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان بىخەتەرلىك چېكىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ

2015.04.09 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 8-ئاپرېل دۆلەتلىك تاشقى پىرىۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقىشىچە، دەسلەپكى ھىسابلاشتىن ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى قەرزىدىكى قەرزدار بولۇش نىسبىتى %8.46، قەرز نىسبىتى %35.19، قەرزنى قايتۇرۇش نىسبىتى % 1.91، قىسقا مۇددەتلىك تاشقى قەرز بىلەن تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ نىسبىتى %17.78 بولۇپ، خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان بىخەتەرلىك چېكىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرغان، ئېلىمىزنىڭ تاشقى قەرزىنىڭ خەتىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇتەخەسسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتلىك تاشقى قەرزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولسا، تاشقى قەرزنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن خەلقئارا كىرىم چىقىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2014-يىلى ئوتتۇرا ئۇزاق مۈددەتلىك تاشقى قەرز زور دەرىجىدە ئاشتى، قىسقا مۇددەتلىك تاشقى قەرز قالدۇقى بىر قەدەر كۆپەيدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ تاشقى قەرز قۇرۇلمىسىنىڭ پائال تەڭشىلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇ پىرىۋوت نىسبىتى بازىرىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، ماكرولۇق ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر