شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاپرېل تايلاندنىڭ كرابىدىن پۇكېتقا قاراپ ماڭغان ساياھەت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، پاراخوتقا ئوت كەتكەن. پاراخوتتا 100 دەك يولۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 سى جۇڭگولۇق ئىكەن. نۆۋەتتە كرابا ساقچى تەرەپ جۇڭگو ئەلچىخانا تارماقلىرىغا جۇڭگولۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پارتلاش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھازىر تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.