تۈركىيەدىكى 40 نەچچە ئۆلكە، شەھەردە 31-مارت كەينى-كەينىدىن توك ئۈزۈلۈپ قېلىپ، قاتناش، ئاۋىياتسىيە، خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۇيۇقسىز توك ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبلىك، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ۋە ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستامبۇلدا قاتناش تەسىرگە ئۇچراپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. توك ئۈزۈلۈپ قالغان سەۋەبلىك مېترو ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە قاتناش توختىتىلغان.