باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىكايەتنىڭ بارلىق جەريانلىرىدا دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2015.04.02 10:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىدىن مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ« جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك دېلودىكى مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسىنىڭ بارلىق جەريانلىرىدىكى قانۇنىي نازارەتنى كۈچەيتىپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قېلىپلىق، ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەپتىش ئورگانلىرى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى يەنى دېلو بېجىرىش خىزمىتىدە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشى شۇنداقلا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مۈلكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى باشقا كىشىنىڭ ياكى پايدا زىيان مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان بولمىغان، دەۋانىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر بولمىغان ئەھۋالدا دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك، ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان ياكى تالاش تارتىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈك سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، ھۆكۈم چىقىرىلغاندا بىراقلا بىر تەرەپ قىلىنشى كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا بولمايدىغان، قىممىتى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدىغان ياكى بازار باھاسىدە داۋالغۇش بولۇۋاتقان بەزى ئالاھىدە مۈلۈكلەرنى ئاشكارە ئادىل بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئىلتىماس قىلىشى بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن قانۇن بويىچە سېتىپ پۇل قىلىنسا ياكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلسا، ئۇنىڭدىن كىرگەن تاپاۋەت قانۇن بويىچە ساقلاپ قويۇلسا بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىپ: دېلو بېجىرىش تارماقلىرى، ساقلاش تارماقلىرى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى ئېلىپ قالسا، ئۇدۇللۇق خەجلىۋالسا، ئۆز ئىچىدە بۆلىشىۋالسا ياكى ئۆزى بىلگەنچە بىر تەرەپ قىلسا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى دەپ قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا بىۋاستە مەئسۇل باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاستە مەسۇل خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ، دېلو بېجىرگۈچى خادىم، ساقلىغۇچى خادىم دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى يۆتكىۋەتسە، يۇتۇۋاتسا،ئېلىۋالسا، ئىشلىتىۋالسا خىيانەتچىلىك جىنايىتى بويچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۇرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر