باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىرانلىق ئالىملار ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

2015.03.31 18:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى مەسىلىسى رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش سۆھبىتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ياكى قىلالماسلىقى ھەمدە ئەڭ ئاخىردا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يول ئېچىشى يەنىلا سىر بولۇپ كەلدى. تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى زىباكەرەم 30-مارت: ھەر قايسى تەرەپلەر سىياسىي جەھەتتىن نۇرغۇن مەبلەغ سالدى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنىدۇ دەپ قارىدى.

  زىباكەرەم شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇزۇن داۋاملاشقان سۆھبەتكە زور ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچ سەرپ قىلدى، ناۋادا سۆھبەت نەتىجىسىز بولسا، مەيلى غەرب ئەللىرى بولسۇن ياكى ئىران بولسۇن ناھايىتى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوۋ 30-مارت: نۆۋەتتە ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر