باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور ئالدامچىلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇن يىپ ئۇچى قانۇن ئىجرا تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلدى

2015.03.31 18:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، تور ئالدامچىلىقى ۋە ھەقلىق ئۆچۈرۈش ۋە چاپلاشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى باشلانغان ئىككى ئايدىن بۇيان، جايلاردىكى ئالاقە تور تارماقلىرى تور ئالدامچىلىقى ۋە ھەقلىق ئۆچۈرۈش، چاپلاشتەك قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قارىتا، ئارخىپنى بىكار قىلىش، تور بېكىتىنى تاقاش، قانۇن ئىجراسى ھەققىدە سۆزلىشىش، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ھازىرغىچە، ئىككى تۈركۈمدە قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 63 تور بېكىتى، ئۈنۈملۈك پاش قىلىنغان 800 نەچچە يىپ ئۇچىنىڭ ھەممىسى قانۇن ئىجرا تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، زور بىر تۈركۈم دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرگەن، جايلاردىكى ئالاقە تور تارماقلىرى يەنە ئۆز تەۋەسىدىكى 478 تور بېكىتىدىن تەكشۈرۈپ چىققان مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزەش لايىھەسى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر