باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاۋ لېجى تيەنجىندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە بارلىق ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى

2015.03.31 18:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 27-ۋە 28-مارت تيەنجىندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بارلىق ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  جىشيەن كونا ئىنقىلاۋىي تايانچ بازىسىدا جاۋ لېجى لوجۇاڭزى بازىرى ياڭجياگۇ كەنتىگە بېرىپ، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم جەڭچىلەر ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەلىك كادىرلار ئامما بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ ۋە ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىپ، ئاممىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمدىن غەم قىلىدىغانلىقى، نېمىنى ئۈمد قىلىدىغانلىقىنى ھەقىقى ئىگەللەپ، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقى ھەل قىلىشى لازىم، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قىيىنچىلقى بار ئاممىنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىق ئامال چارىلار بلەن ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر