باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2015.03.31 18:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا،يىغىن قاتناشچىلىرى ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزى تېمىنى چۆرىدەپ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇل ئەسلىھەدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاسىيا رايونى ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەر قىزغىن مۇنازىرە قىلغان نۇقتا بولدى.

  ھىندونوزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بوئاۋغا بېرىشتىن بۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ھىندونوزىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 290 تىرىليون روپىيە يەنى 24 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجىرىتىدۇ.

  ھىندونوزىيەلا ئەمەس نۆۋەتتە ئاسىيا زېمىنىدا يېڭىدىن قۇرۇلۇش يۇقۇرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز دۆلەت ھالقىغان تاشيول شىنجاڭ قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ تاكىتنى تۇتاشتۇرىدىغان قاراقۇرۇم تاشيولىدا كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرلشىپ قالدى.

  تايلانددىكى تۇنجى ئۆلچەملىك تۆمۈر يول ــ جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى نۆۋەتتە قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق باسقۇچىغا كىردى، قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 14مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان پان ئاسىيا تۆمۈر يول تورىغا تۇتاشتۇرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ۋېتنام، جۇڭگو بېرما، جۇڭگو بېرما ھىندونوزىيەدىن ئبارەت ئۈچ خەلقئارا تۆمۈر يولىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، يۈننەن بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرىدىن چىقىدىغان تۆت تاشيولدا قاتناش باشلاندى.

  ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئاسىيا بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، 2014-يىلىلا ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئۆتۈدىغان جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 308ئى قاتناپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگودا يېڭىدىن خەلقئارا بىۋاستە ھاۋا يولىدىن 146سى ئېچىلىپ، 2013-يىلىدىكىدىن %58.6 كۆپەيدى.

  مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قارىتا ئاسىيادىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى تور ئەھلى ئىچىدە ئۇل ئەسلھە قۇرۇلۇشىغا ئەھميەت بېرىش جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئايرىم ئايرىم شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكىلەر ئىكەن، دۆلەتكە قارىغاندا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى ئايرىم ئايرىم ھىندونوزىيە، تايلاند ۋە مالايسىيا ئىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئالدىنقى ئۈچ قاتاردىكىسى ئايرىم ئايرىم قازاقئىسان، ئۆزبەكىستان ۋە تۈرۈكمەنىستان ئىكەن، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئايرىم ئايرىم ھىندىستان، پاكىستان ۋە بېنگال ئالدىنقى ئۈچ قاتاردا تۇرغان، بۇنىڭدىن جۇڭگوغا يېقىن دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ جۇڭگودىن ئبارەت بۇ قوشنىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر